كتاب جامع الأصول التسعة من السنة المطهرة، وكتاب معالم السنة النبوية، وكتاب الوجيز في السنة النبوية

السُّنةُ النبوية.. بين يدَيِ الجميع

image descriptions

Jame` al-Osool al-Tis`ah min al-Sunnah al-Mutahharh

45 كتاب
image descriptions

Ma`alim al-Sunnah al-Nabawiyyah

51 كتاب
image descriptions

al-Wajeez fi al-Sunnah al-Nabawiyyah

43 كتاب
image descriptions

al Ahadith al Kulliyyah

20 كتاب

الأكثر مشاهدة

عرض الكل

قال تعالى: {يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلاَ تَمُوتُنَّ إِلاَّ وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ *}. [آل عمران:102]

14 - (ق) عَنْ أَبِي ذَرٍّ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم: (أَتَانِي آتٍ مِنْ رَبِّي، فَأَخْبَرَنِي ـ أَوْ قَالَ: بَشَّرَنِي ـ أَنَّهُ مَنْ مَاتَ مِنْ أُمَّتِي لاَ يُشْرِكُ بِاللهِ شَيْئاً، دَخَلَ الجَنَّةَ) . قُلْتُ: وَإِنْ زَنَى وَإِنْ سَرَقَ؟ قَالَ: (وَإِنْ زَنَى وَإِنْ سَرَقَ) .

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مەدىنىدىكى قارا تاشلىقتا كېتىۋاتاتتىم، بىزگە ئوھۇد تېغى كۆرۈندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئەبۇ زەر! دېدى، مەن: خوش ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ مۇشۇ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا ئۈچ كۈن ئىچىدە مەندە ئۇ ئالتۇندىن بىر دىنار ئېشىپ قېلىشى مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ، پەقەت قەرز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىم بۇنىڭ سىرتىدا، مېنى خوشال قىلىدىغىنى، شۇنداق دەيمەنكى، ئوھۇد تېغى مېنىڭ بولۇپ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق بەرسەم» دەپ ئۆزىنىڭ ئوڭ، سول ۋە كەينى تەرەپلىرىگە ئىشارەت قىلدى. ئازراق مېڭىپ: «ماللىرى كۆپ بولغانلىرى قىيامەت كۈنى نەرسىسى ئاز بولغۇچىلاردۇر، لېكىن ماللىرىنى مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، ئوڭدىن، سولدىن، كەينىدىن خىراجەت قىلغان كىشىلەر ئۇنداق ئەمەس، ئۇنداقلار ئازدۇر» دېدى. ئاندىن ماڭا: مەن كەلگىچە جايىڭدىن مىدىرلىما، دەپ قويۇپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا مېڭىپ يوقاپ كەتتى، ئاندىن مەن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىرەرسىدىن خەتەر يېتىپ قىلىشىدىن قورقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشنى ئويلىدىم، بىراق مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: مەن كەلگىچە مىدىرلىما دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ تاكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگىچە مىدىرلىمىدىم، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كەتكەنلىكىمنى دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ: سېنىڭ ئۈممىتىڭدىن بىرەر كىشى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيلا ئۆلسە، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ، دېدى. مەن: ئەگەر ئوغرلىق ۋە زىنا قىلسىچۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ ھەقىقى تەۋبە قىلسا، دېدى.

30 - (م) عَنْ أَبِي ذَرٍّ، عَن النَّبِيِّ صلّى الله عليه وسلّم، فِيمَا رَوَى عَن اللهِ تَبَارَكَ وَتَعَالَى أَنَّهُ قَالَ: (يَا عِبَادِي! إِنِّي حَرَّمْتُ الظُّلْمَ عَلَى نَفْسِي [1] وَجَعَلْتُهُ بَيْنَكُمْ مُحَرَّماً، فَلاَ تَظَالَمُوا [2] .
يَا عِبَادِي! كُلُّكُمْ ضَالٌّ إِلاَّ مَنْ هَدَيْتُهُ؛ فَاسْتَهْدُونِي أَهْدِكُمْ.
يَا عِبَادِي! كُلُّكُمْ جَائِعٌ إِلاَّ مَنْ أَطْعَمْتُهُ؛ فَاسْتَطْعِمُونِي أُطْعِمْكُمْ.
يَا عِبَادِي! كُلُّكُمْ عَارٍ إِلاَّ مَنْ كَسَوْتُهُ؛ فَاسْتَكْسُونِي أَكْسُكُمْ.
يَا عِبَادِي! إِنَّكُمْ تُخْطِئُونَ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ، وَأَنَا أَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعاً؛ فَاسْتَغْفِرُونِي أَغْفِرْ لَكُمْ.
يَا عِبَادِي! إِنَّكُمْ لَنْ تَبْلُغُوا ضَرِّي فَتَضُرُّونِي، وَلَنْ تَبْلُغُوا نَفْعِي فَتَنْفَعُونِي.
يَا عِبَادِي! لَوْ أَنَّ أَوَّلَكُمْ وَآخِرَكُمْ وَإِنْسَكُمْ وَجِنَّكُمْ، كَانُوا عَلَى أَتْقَى قَلْبِ رَجُلٍ وَاحِدٍ مِنْكُمْ، مَا زَادَ ذَلِكَ فِي مُلْكِي شَيْئاً.
يَا عِبَادِي! لَوْ أَنَّ أَوَّلَكُمْ وَآخِرَكُمْ وَإِنْسَكُمْ وَجِنَّكُمْ، كَانُوا عَلَى أَفْجَرِ قَلْبِ رَجُلٍ وَاحِدٍ، مَا نَقَصَ ذَلِكَ مِنْ مُلْكِي شَيْئاً.يَا عِبَادِي! لَوْ أَنَّ أَوَّلَكُمْ وَآخِرَكُمْ وَإِنْسَكُمْ وَجِنَّكُمْ، قَامُوا فِي صَعِيدٍ وَاحِدٍ فَسَأَلُونِي، فَأَعْطَيْتُ كُلَّ إِنْسَانٍ مَسْأَلَتَهُ، مَا نَقَصَ ذَلِكَ مِمَّا عِنْدِي؛ إِلاَّ كَمَا يَنْقُصُ المِخْيَطُ
[3]
إِذَا أُدْخِلَ البَحْرَ.
يَا عِبَادِي! إِنَّمَا هِيَ أَعْمَالُكُمْ أُحْصِيهَا لَكُمْ، ثُمَّ أُوَفِّيكُمْ إِيَّاهَا، فَمَنْ وَجَدَ خَيْراً فَلْيَحْمَدِ اللهَ، وَمَنْ وَجَدَ غَيْرَ ذَلِكَ فَلاَ يَلُومَنَّ إِلاَّ نَفْسَهُ) .

ئەبۇ زەر ئەلغىپارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزەمگە زۇلۇمنى ھارام قىلدىم، سىلەرگىمۇ ئۆز ئارا زۇلۇم قىلىشىشىڭلارنى ھارام قىلدىم، زۇلۇم قىلىشماڭلار. ئى بەندىلىرىم! مەن ھىدايەت قىلغاندىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچىدۇر، مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن تائام بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن تائام تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە تائام بىرىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن كىيىم بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە كىيىم بىرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزەمگە زۇلۇمنى ھارام قىلدىم، سىلەرگىمۇ ئۆز ئارا زۇلۇم قىلىشىشىڭلارنى ھارام قىلدىم، زۇلۇم قىلىشماڭلار. ئى بەندىلىرىم! مەن ھىدايەت قىلغاندىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچىدۇر، مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن. سىلەر كىچە-كۈندۈز خاتالىشىسىلەر، مەن پۈتۈن گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمەن، مەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزىمەن دەپ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پايدا يەتكۈزىمەن دەپمۇ يەتكۈزەلمەيسىلە. ئى بەندىلىرىم! ئىلگىرى-ئاخىرى ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ قەلبى بىر تەقۋا ئادەمىنڭ قەلبىدەك بولسمۇ مېنىڭ مۈلكۈمگە ھېچ نەرسە زىيادە بولمايدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئىلگىرى-ئاخىرى ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ قەلبى بىر پاسىق بىر كىشىنىڭ قەلبىدەك بولسىمۇ مېنىڭ ئىلىكىمدىكى نەرسىلەردىن ھېچ نەرسىنى كىمەيتىۋىتەممەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئىلگىرى-ئاخىرى ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى بىر مەيدانغا يىغىلىپ مەندىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى بەرسەم دېڭىزغا بىر يىڭنا سېلىپ ئالغانچىلىك، مېنىڭ ئىلىكىمدىكى نەرسە كىمەيمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! مەن ئەمەللىرىڭلارنى سىلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويۇپ، ئاندىن سىلەرگە تولۇق قايتۇرۇپ بىرىمەن. كىمىكى ياخشىلىققا ئىرىشسە ئاللاھقا شۈكرى قىلسۇن، كىمىكى ئۇنىڭدىن باشقىغا ئىرىشسە ئۇنى ئۆزىدىن كۆرسۇن. ئەبۇ زەر ئەلغىپارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزەمگە زۇلۇمنى ھارام قىلدىم، سىلەرگىمۇ ئۆز ئارا زۇلۇم قىلىشىڭلارنى ھارام قىلدىم، زۇلۇم قىلىشماڭلار. ئى بەندىلىرىم! مەن ھىدايەت قىلغاندىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچىدۇر، مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن تائام بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن تائام تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە تائام بىرىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن كىيىم بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە كىيىم بىرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر كىچە-كۈندۈز خاتالىشىسىلەر، مەن پۈتۈن گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمەن، مەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزىمەن دەپ زىيان يەتكۈزەممەيسىلەر پايدا يەتكۈزىمەن دەپمۇ يەتكۈزەممەيسىلە. ئى بەندىلىرىم! ئىلگىرى-ئاخىرى ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ قەلبى بىر تەقۋا ئادەمىنڭ قەلبىدەك بولسمۇ مىنىڭ مۈلكۈمگە ھېچ نەرسە زىيادە بولمايدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئىلگىرى-ئاخىرى ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ قەلبى بىر پاسىق بىر كىشىنىڭ قەلبىدەك بولسىمۇ مىنىڭ ئىلىكىمدىكى نەرسىلەردىن ھېچ نەرسىنى كىمەيتىۋىتەممەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئىلگىرى-ئاخىرى ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى بىر مەيدانغا يىغىلىپ مەندىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى بەرسەم دېڭىزغا بىر يىڭنا سېلىپ ئالغانچىلىك، مېنىڭ ئىلىكىمدىكى نەرسە كىمەيمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! مەن ئەمەللىرىڭلارنى سىلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويۇپ، ئاندىن سىلەرگە تولۇق قايتۇرۇپ بىرىمەن. كىمىكى ياخشىلىققا ئىرىشسە ئاللاھقا شۈكرى قىلسۇن، كىمىكى ئۇنىڭدىن باشقىغا ئىرىشسە ئۇنى ئۆزىدىن كۆرسۇن

32 - (ق) عَنْ أَبِي مُوسَى الْأَشْعَرِيِّ قَالَ: قَالَ النَّبِيُّ صلّى الله عليه وسلّم: (مَا أَحَدٌ أَصْبَرُ عَلَى أَذًى سَمِعَهُ مِنَ اللهِ [1] ، يَدَّعُونَ لَهُ الوَلَدَ، ثُمَّ يُعَافِيهِمْ وَيَرْزُقُهُمْ) .

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاڭلىغان ئازارلارغا ئاللاھ تائالادىنمۇ سەۋىرچانراق ھىچكىم يوق. مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دىسىمۇ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ۋە رېزىق بېرىپ تۇرىدۇ

40 - (ق) عَنْ أَنَسٍ قَالَ: قَالَ النَّبِيُّ صلّى الله عليه وسلّم: (لاَ يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى أَكُونَ أَحَبَّ إِلَيْهِ مِنْ وَالِدِهِ وَوَلَدِهِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ) .

ئەنەس ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇللۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار مېنى ئاتا-ئانىسىدىن، بالىسىدىن ۋە بارلىق كىشىلىرىدىن ئارتۇق سۆيمىگۈچە كامىل مۆئمىن بولالمايدۇ

62 - (خ) عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ، عَنِ النَّبِيِّ صلّى الله عليه وسلّم قَالَ: (إِنَّ الدِّينَ يُسْرٌ، وَلَنْ يُشَادَّ الدِّينَ [1] أَحَدٌ إِلاَّ غَلَبَهُ، فَسَدِّدُوا وَقارِبُوا، وأَبْـشِرُوا، وَاسْتَعِينُوا بِالغَدْوَةِ وَالرَّوْحَةِ وَشَيْءٍ مِنَ الدُّلْجَةِ [2] ).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دىن ھەقىقەتەن ئاسان، كىم دىننى قىيىنلاشتۇرسا دىن ئۇنى مەغلۇب قىلىدۇ، توغرىلاڭلار، يېقىنلىشىڭلار، خۇش بىشارەت ئېلىڭلار، ئەتىگەن، كەچقۇرۇن ۋە كېچىنىڭ بىر قىسمىدىن پايدىلىنىڭلار» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «توغرىلاڭلار، يېقىنلىشىڭلار، ئەتىگەن، كەچقۇرۇن ۋە كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئىش قىلىڭلار، ئوتتۇرا ھال بولۇڭلار، نىشانغا يېتەلەيسىلەر»

68 - (م) عَنْ تَمِيمٍ الدَّارِيِّ: أَنَّ النَّبِيَّ صلّى الله عليه وسلّم قَالَ: (الدِّينُ النَّصِيحَةُ) قُلْنَا: لِمَنْ؟ قَالَ: (لِلَّهِ، وَلِكِتَابِهِ، وَلِرَسُولِهِ، وَلأَئِمَّةِ المُسْلِمِينَ، وَعَامَّتِهِمْ) .

ئەبۇ رۇقەييە تەمىم ئىبنى ئەۋس ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دىن نەسىھەت دېمەكتۇر. بىز: نەسىھەت كىم ئۈچۈن؟ دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ كىتابىغا، ئۇنىڭ ئەلچىسىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىغا ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا، دېدى

46 - (م) عَنْ عَبْدِ اللهِ بْنِ مَسْعُودٍ: أَنَّ رَسُولَ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم قَالَ: (مَا مِنْ نَبِيٍّ بَعَثَهُ اللهُ فِي أُمَّةٍ قَبْلِي؛ إِلاَّ كَانَ لَهُ مِنْ أُمَّتِهِ حَوَارِيُّونَ وَأَصْحَابٌ، يَأْخُذُونَ بِسُنَّتِهِ، وَيَقْتَدُونَ بِأَمْرِهِ، ثُمَّ إِنَّهَا تَخْلُفُ [1] مِنْ بَعْدِهِمْ خُلُوفٌ، يَقُولُونَ مَا لاَ يَفْعَلُونَ، وَيَفْعَلُونَ مَا لا يُؤْمَرُونَ، فَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِيَدِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ، وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِلِسَانِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ، وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِقَلْبِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ، وَلَيْسَ وَرَاءَ ذَلِكَ مِنَ الإِيمَانِ حَبَّةُ خَرْدَلٍ) .

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ مەندىن بۇرۇنقى ئۈممەتكە ئەۋەتكەن ھەر قانداق پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىن سۈننىتىنى تۇتۇپ، بۇيرىقىغا ئەگىشىدىغان ھەمراھلىرى ۋە ياردەمچىلىرى بولدى، ھەقىقەتەن ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغاننى سۆزلەيدىغان، بۇيرۇلمىغاننى قېلىدىغان كىشىلەر پەيدا بولىدۇ، كىم ئۇلار بىلەن قولى ئارقىلىق جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر، كىم ئۇلار بىلەن قەلبى ئارقىلىق جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر، كىم ئۇلار بىلەن تىلى ئارقىلىق جىھاد قىلسا، ئۇمۇ مۆمىندۇر، ئۇنىڭ كەينىدە قىچىنىڭ ئۇرۇغىچىلىكمۇ ئىمان يوق»

74 - وعَنْه، عَن النَّبِيِّ صلّى الله عليه وسلّم قَالَ: (لاَ يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى يُحِبَّ لِلنَّاسِ مَا يُحِبُّ لِنَفْسِهِ، وَحَتَّى يُحِبَّ المَرْءَ لاَ يُحِبُّهُ إِلاَّ لِلَّهِ عزّ وجل) .

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە (كامىل) مۆمىن بولالمايدۇ

[حم13875]

* إسناده صحيح على شرط الشيخين.

85 - عَن ابْنِ عَبَّاسٍ قَالَ: كُنْتُ خَلْفَ رَسُولِ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم يَوْماً فَقَالَ: (يَا غُلاَمُ، إِنِّي أُعَلِّمُكَ كَلِمَاتٍ، احْفَظِ اللهَ يَحْفَظْكَ، احْفَظِ اللهَ تَجِدْهُ تُجَاهَكَ، إِذَا سَألْتَ فَاسْأَلِ اللهَ، وَإِذَا اسْتَعَنْتَ فَاسْتَعِنْ بِاللهِ، وَاعْلَمْ أَنَّ الْأُمَّةَ لَوْ اجْتَمَعَتْ عَلَى أَنْ يَنْفَعُوكَ بِشَيْءٍ لَمْ يَنْفَعُوكَ إِلاَّ بِشَيْءٍ قَدْ كَتَبَهُ اللهُ لَكَ، وَلَوْ اجْتَمَعُوا عَلَى أَنْ يَضُرُّوكَ بِشَيْءٍ لَمْ يَضُرُّوكَ إِلاَّ بِشَيْءٍ قَدْ كَتَبَهُ اللهُ عَلَيْكَ، رُفِعَتِ الْأَقْلاَمُ وَجَفَّتِ الصُّحُفُ) .

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبنى ئابباسقا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئوغۇل! مەن ساڭا بىر نەچچە سۆزنى ئۆگىتىپ قوياي: ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرغىن، ئاللاھمۇ سېنى ياد ئېتىدۇ. ئاللاھنى ياد ئەتكىن، ئاللاھنى ئالدىڭدىلا تاپىسەن. بىرەر نەرسە سورىماقچى بولساڭ ئاللاھدىنلا سورا، ياردەم تىلىمەكچى بولساڭ ئاللاھدىنلا تىلە. بىلگىنكى، پۈتۈن كىشىلەر ساڭا بىرەر ئىشتا ياخشىلىق قىلىشقا توپلانسىمۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ساڭا پۇتۇۋەتكەن نەرسىسىدىن باشقا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر پۈتۈن كىشىلەر ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن توپلانسىمۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ سىاڭا پۈتۈۋەتكەن نەرسىسىدىن باشقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، بەتلەر قۇرۇدى«يەنى تەقدىر ئاللىقاچان پۈتۈلۈپ بولدى» دېدى. تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. تىرمىزىدىن باشقىسىنىڭ رىۋايىتىدە: ئاللاھنى ياد ئەتكىن، ئاللاھنى ئالدىڭدىلا تاپىسەن. باياشات ۋاقىتلاردا ئاللاھنى تونىغىن، ئاللاھمۇ سېنى قاتتىقچىلىق ۋاقىتلاردا تونۇيدۇ. بىلگىنكى، ساڭا يەتمىگەن نەرسىلەر«ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن بولۇپ» ساڭا يېتىپ قالمايدۇ ۋە ساڭا يەتكەن نەرسىلەرمۇ سەندىن چەتنەپ كەتمەيدۇ «يەنى چوقۇم يېتىدۇ» بىلگىنكى غەلبە سەبىر ئارقىلىق قولغا كىلىدۇ. ھەر بىر قىيىنچىلىقتىن كېيىن چىقىش يولى بولىدۇ. ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسايىشلىق بار