4 ـ باب: طلاق الحائض

رقم الحديث: 2454

2454 - (ق) عَنْ عَبْدِ اللهِ بْنِ عُمَرَ رضي الله عنهما: أَنَّهُ طَلَّقَ امْرَأَتَهُ وَهِيَ حائِضٌ، عَلَى عَهْدِ رَسُولِ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم، فَسَأَلَ عُمَرُ بْنُ الخَطَّابِ رَسُولَ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم عَنْ ذلِكَ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم: (مُرْهُ فَلْيُرَاجِعْهَا، ثُمَّ لِيُمْسِكْها حَتَّى تَطْهُر، ثُمَّ تَحِيضَ ثُمَّ تَطْهُرَ، ثُمَّ إِنْ شَاءَ أَمْسَكَ بَعْدُ، وَإِنْ شَاءَ طَلَّقَ قَبْلَ أَنْ يَمَسَّ، فَتِلْكَ الْعِدَّةُ الَّتِي أَمرَ الله أَنْ تُطَلَّقَ لَهَا النِّسَاءُ) .

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا، ئايالىنى ھەيزدار ۋاقتىدا تالاق قىلغان. ئۆمەر بۇنىڭ ھۆكمىنى رەسۇلۇللاھتىن سوراپ كەلگەندە رەسۇلۇللاھ ئۆمەرگە: ئۇنىڭغا ئېيتقىن ئايالى بىلەن يېنىشىۋالسۇن! ئاندىن ئايالى ھەيىزدىن پاك بولغۇچە ئەمرىدە تۇتۇپ تۇرسۇن، يەنە بىر ھەيىز كۆرۈپ پاك بولغاندىن كېيىن، ئەر-ئاياللىق قىلىشتىن بۇرۇن خالىسا تالاق قىلسۇن خالىسا ئەمرىدە ئېلىپ قالسۇن. مانا بۇ ئاللاھ تائالا ئاياللارنى تالاق قىلىشتا بەلگىلىگەن ئىددەتتۇر، دېگەن

[خ5251 (4908)/ م1471]

2454 - وفي رواية له: قُلْتُ: فَاعْتَدَدْتَ بِتِلْكَ التَّطْلِيقَةِ الَّتي طَلَّقْتَ، وَهْيَ حَائِضٌ؟ قَالَ: مَا لِيَ لاَ أَعْتدُّ بِهَا؟ وَإِنْ كُنْتُ عَجَزْتُ وَاسْتَحْمَقْتُ.