3168 - (ق) عَنْ عَبْدِ اللهِ بْنِ عُمَرَ رضي الله عنهما: أَنَّ رَسُولَ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم قَالَ: (أَلاَ كُلُّكُمْ رَاعٍ وَكُلُّكُمْ مَسْؤُولٌ عَنْ رَعِيَّتِهِ، فالإِمامُ الَّذِي عَلَى النَّاسِ رَاعٍ وَهْوَ مَسْؤُولٌ عَنْ رَعِيَّتِهِ، وَالرَّجُلُ رَاعٍ عَلَى أَهْلِ بَيْتِهِ وَهْوَ مَسْؤُولٌ عَنْ رَعِيَّتِهِ، وَالمَرْأَةُ رَاعِيَةٌ على أَهْلِ بَيْتِ زَوْجِهَا وَوَلَدِهِ وَهِيَ مَسْؤُولَةٌ عَنْهُمْ، وَعَبْدُ الرَّجُلِ رَاعٍ عَلَى مالِ سَيِّدِهِ وَهْوَ مَسْؤُولٌ عَنْهُ، أَلاَ فَكُلُّكُمْ رَاعٍ، وَكُلُّكُمْ مَسْؤُولٌ عَنْ رَعِيَّتِهِ) .
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار پادىسىدىن سورىلىدۇ، باشلىق پادىچىدۇر، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا پادىچى، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆيى ۋە بالىلىرىغا قارىتا پادىچى، شۇڭا ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار پادىسىدىن سورىلىدۇ» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. يەنە بىر ئىبارىدە: «ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار پادىسىدىن سورىلىدۇ، رەھبەر پادىچى ۋە ئۆز پادىسىدىن سورىلىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ئىچىدە پادىچى ۋە پادىسىدىن سورىلىدۇ، ئايال كىشىمۇ ئىرىنىڭ ئۆيىدە پادىچى ۋە پادىسىدىن سورىلىدۇ، خىزمەتچىمۇ خوجايىنىنىڭ مېلىدا پادىچى ۋە پادىسىدىن سورىلىدۇ، دېمەك ھەر بىرىڭلار پادىچى ھەم پادىسىدىن سورىلىدۇ» دېيىلگەن
[خ7138 (893)/ م1829]