3246 - (ق) عَنْ عائِشَةَ رضي الله عنها: أَنَّ قُرَيْشاً أَهَمَّهُمْ شَأْنُ المَرْأَةِ الْمَخْزُومِيَّةِ الَّتِي سَرَقَتْ، فَقَالُوا: وَمَنْ يُكَلِّمُ فِيهَا رَسُولَ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم؟ فَقَالُوا: وَمَنْ يَجْتَرِئُ عَلَيْهِ إِلاَّ أُسَامَةُ بْنُ زَيْدٍ، حِبُّ رَسُولِ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم؟ فَكَلَّمَهُ أُسَامَةُ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم: (أَتَشْفَعُ في حَدٍّ مِنْ حُدُودِ اللهِ) ؟ ثُمَّ قامَ فَاخْتَطَبَ، ثُمَّ قَالَ: (إِنَّمَا أَهْلَكَ الَّذِينَ قَبْلَكُمْ، أَنَّهُمْ كانُوا إِذَا سَرَقَ فِيهِمُ الشَّرِيفُ تَرَكُوهُ، وَإِذَا سَرَقَ فِيهِمُ الضَّعِيفُ أَقامُوا عَلَيْهِ الحَدَّ. وَايْمُ اللهِ، لَوْ أَنَّ فـاطِـمَـةَ بِـنْـتَ مُـحَـمَّـدٍ سَـرَقَـتْ لَـقَطَعْتُ يَدَهَا) .
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق رىۋايەت قىلغان: بەنى مەخزۇم ئايمىقىدىن بولغان بىر ئايالنىڭ ئۆتكۈزگەن ئوغرىلىق جىنايىتى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ بېشىنى قاتۇردى. ئۇلار بىر-بىرىگە كىم بۇ ئايالنى ئەپۇ قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئېغىز ئاچىدۇ؟ دېيىشتى ۋە بۇ ئىشقا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسامە ئىبنى زەيد لايىق دېدى. ئۇسامە ئىبنى زەيد پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ئىش ھەققىدە ئېغىز ئاچقان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن ئاللاھ بېكىتكەن جازانىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن شاپائەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟! دەپ ئۇنىڭغا كايىدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، جامائەتكە خىتاب قىلىپ: سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاكىتىگىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار سەۋەب بولغانىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر ئېسىلزادە ئوغرىلىق قىلسا، ئۇ جازاغا تارتىلمايتتى. ئادەتتىكى بىرەر بىچارە ئوغرىلىق قىلسا، ئۇ دەرھال جازاغا تارتىلاتتى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر قىزىم فاتىمە ئوغرىلىق قىلىپ قالسا، ئۇنىڭمۇ قولىنى كېسىمەن، دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە: ئۇ ئايال كىشىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت ئالسا ئۇنىڭغا تېنىۋالاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بۇيرىغان، دېگەن
[خ3475 (2648)/ م1688]