3275 - (خ) عَنْ أَبِـي هُرَيْرَةَ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم: (إِنَّ اللهَ قالَ [1] : مَنْ عادَى لِي وَلِيّاً [2] فَقَدْ آذَنْتُهُ [3] بِالحَرْبِ، وَمَا تَقَرَّبَ إِلَيَّ عَبْدِي بِشَيْءٍ أَحَبَّ إِلَيَّ مِمَّا افْتَرَضْتُ عَلَيْهِ، وَمَا يَزَالُ عَبْدِي يَتَقَرَّبُ إِلَيَّ بِالنَّوَافِلِ حَتَّى أُحِبَّهُ، فَإِذَا أَحْبَبْتُهُ: كُنْتُ سَمْعَهُ الَّذِي يَسْمَعُ بِهِ، وَبَصَرَهُ الَّذِي يُبْصِرُ بِهِ، وَيَدَهُ الَّتِي يَبْطِشُ بِهَا، وَرِجْلَهُ الَّتِي يَمْشِي بِهَا، وَإِنْ سَأَلَنِي لأُعْطِيَنَّهُ، وَلَئِنِ اسْتَعَاذَنِي لأُعِيذَنَّهُ، وَمَا تَرَدَّدْتُ عَنْ شَيْءٍ أَنَا فَاعِلُهُ تَرَدُّدِي عَنْ نَفْسِ المُؤْمِنِ، يَكْرَهُ المَوْتَ وَأَنَا أَكْرَهُ مَسَاءَتَهُ) .
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ: «كىم مېنىڭ يىقىن بەندەمنى دۈشمەن تۇتىسا مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىمەن، بەندەم مەن پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىش بىلەن ماڭا يېقىنلىشالمايدۇ، بەندەم ماڭا نەپلە ئىبادەت بىلەن يېقىنلىشىۋەرسە مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرسەم ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولىمەن، كۆرىدىغان كۆزى بولىمەن، تۇتىدىغان قولى بولىمەن، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن، ئەگەر مەندىن بىر نەرسە سورىسا ئۇنىڭغا بېرىمەن، مەندىن پاناھلىق سورىسا ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىمەن، ھىچ ئىشىمدا مۆئمىننىڭ جېنىنى ئالغاندا ئىككىلەنگەندەك ئىككىلەنمىدىم، ئۇ ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرىدۇ، مەن رەنجىتىشنى خالىمايمەن» دېدى
قال تعالى: {وَسَارِعُوا إِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَاوَاتُ وَالأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ *}. [آل عمران:133]
[خ6502]