32 ـ باب: احفظ الله يحفظك

رقم الحديث: 85

85 - عَن ابْنِ عَبَّاسٍ قَالَ: كُنْتُ خَلْفَ رَسُولِ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم يَوْماً فَقَالَ: (يَا غُلاَمُ، إِنِّي أُعَلِّمُكَ كَلِمَاتٍ، احْفَظِ اللهَ يَحْفَظْكَ، احْفَظِ اللهَ تَجِدْهُ تُجَاهَكَ، إِذَا سَألْتَ فَاسْأَلِ اللهَ، وَإِذَا اسْتَعَنْتَ فَاسْتَعِنْ بِاللهِ، وَاعْلَمْ أَنَّ الْأُمَّةَ لَوْ اجْتَمَعَتْ عَلَى أَنْ يَنْفَعُوكَ بِشَيْءٍ لَمْ يَنْفَعُوكَ إِلاَّ بِشَيْءٍ قَدْ كَتَبَهُ اللهُ لَكَ، وَلَوْ اجْتَمَعُوا عَلَى أَنْ يَضُرُّوكَ بِشَيْءٍ لَمْ يَضُرُّوكَ إِلاَّ بِشَيْءٍ قَدْ كَتَبَهُ اللهُ عَلَيْكَ، رُفِعَتِ الْأَقْلاَمُ وَجَفَّتِ الصُّحُفُ) .

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبنى ئابباسقا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئوغۇل! مەن ساڭا بىر نەچچە سۆزنى ئۆگىتىپ قوياي: ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرغىن، ئاللاھمۇ سېنى ياد ئېتىدۇ. ئاللاھنى ياد ئەتكىن، ئاللاھنى ئالدىڭدىلا تاپىسەن. بىرەر نەرسە سورىماقچى بولساڭ ئاللاھدىنلا سورا، ياردەم تىلىمەكچى بولساڭ ئاللاھدىنلا تىلە. بىلگىنكى، پۈتۈن كىشىلەر ساڭا بىرەر ئىشتا ياخشىلىق قىلىشقا توپلانسىمۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ساڭا پۇتۇۋەتكەن نەرسىسىدىن باشقا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر پۈتۈن كىشىلەر ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن توپلانسىمۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ سىاڭا پۈتۈۋەتكەن نەرسىسىدىن باشقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، بەتلەر قۇرۇدى«يەنى تەقدىر ئاللىقاچان پۈتۈلۈپ بولدى» دېدى. تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. تىرمىزىدىن باشقىسىنىڭ رىۋايىتىدە: ئاللاھنى ياد ئەتكىن، ئاللاھنى ئالدىڭدىلا تاپىسەن. باياشات ۋاقىتلاردا ئاللاھنى تونىغىن، ئاللاھمۇ سېنى قاتتىقچىلىق ۋاقىتلاردا تونۇيدۇ. بىلگىنكى، ساڭا يەتمىگەن نەرسىلەر«ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن بولۇپ» ساڭا يېتىپ قالمايدۇ ۋە ساڭا يەتكەن نەرسىلەرمۇ سەندىن چەتنەپ كەتمەيدۇ «يەنى چوقۇم يېتىدۇ» بىلگىنكى غەلبە سەبىر ئارقىلىق قولغا كىلىدۇ. ھەر بىر قىيىنچىلىقتىن كېيىن چىقىش يولى بولىدۇ. ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسايىشلىق بار

قال تعالى: {وَهُوَ مَعَكُمْ أَيْنَ مَا كُنْتُمْ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ}. [الحديد:4]

[ت2516]

85 - زاد في رواية لأحمد: (تَعَرَّفْ إِلَيْهِ فِي الرَّخَاءِ يَعْرِفْكَ فِي الشِّدَّةِ... وَاعْلَمْ أَنَّ فِي الصَّبْرِ عَلَى مَا تَكْرَهُ خَيْراً كَثِيراً، وَأَنَّ النَّصْرَ مَعَ الصَّبْرِ، وَأَنَّ الفَرَجَ مَعَ الكَرْبِ، وَأَنَّ مَعَ العُسْرِ يُسْراً) .

قال تعالى: {وَهُوَ مَعَكُمْ أَيْنَ مَا كُنْتُمْ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ}. [الحديد:4]

[حم2801]

* صحيح.