الكتاب الخامس: الميراث والوصايا

2550 - (ق) عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ رضي الله عنهما، عَنِ النَّبِيِّ صلّى الله عليه وسلّم قَالَ: (أَلْحِقُوا الْفَرَائِضَ [1] بِأَهْلِهَا [2] ، فَمَا بَقِيَ فَهْوَ لأَِوْلَى رَجُلٍ ذَكَرٍ [3] ) .

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ : مىراس تەقسىم قىلىشتا پەرز ئىگىلىرى (يەنى نېسىۋىسى ئېنىق بەلگىلەنگەنلەر) گە باشتا بېرىڭلار! ئۇنىڭدىن قالغىنى مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىگە قالىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: مىراسنى پەرز ئىگىلىرى ئارىسىدا قۇرئان كەرىم تەقسىماتى بويۇنچە بولۇپ بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن ئاشقىنى مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىگە قالىدۇ

2559 - (ق) عَنْ أُسَامَةَ بْنِ زَيْدٍ رضي الله عنهما: أَنَّ النَّبِيَّ صلّى الله عليه وسلّم قَالَ: (لاَ يَرِثُ المُسْلِمُ الْكَافِرَ، وَلاَ الْكَافِرُ المُسْلِمَ) .

ئۇسامە ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سىلى ئەتە مەككىدىكى ئۆز ئۆيلىرىگە چۈشەملا؟ دەپ سورىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇقەيىل ئىبنى ئەبۇ تالىب بىزگە بىرەر قورۇ قالدۇردىمۇ؟» دېدى. ئاندىن: «كاپىر مۇسۇلماندىن مىراس ئالمايدۇ، مۇسۇلمانمۇ كاپىردىن مىراس ئالمايدۇ» دېدى