الكتاب الثالث: الطب والرؤيا

2849 - (ق) عَنْ أَبِي سَعِيدٍ الخُدْرِيِّ، وَعَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ، عَنِ النَّبِيِّ صلّى الله عليه وسلّم قَالَ: (مَا يُصِيبُ المُسْلِمَ مِنْ نَصَبٍ [1] ، وَلاَ وَصَبٍ [2] ، وَلاَ هَمٍّ، وَلاَ حَزَنٍ، وَلاَ أَذًى، وَلاَ غَمٍّ، حَتَّى الشَّوْكَةِ يُشَاكُهَا؛ إِلاَّ كَفَّرَ اللهُ بِهَا مِنْ خَطَايَاهُ) .

ئەبۇ سەئىد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلار بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم-قايغۇ، ئەزىيەت ياكى ھەسرەت، ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر زىيان يېتىپلا قالسا، ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ»

2856 - (ق) عَنْ عَائِشَةَ رضي الله عنها: أَنَّ رَسُولَ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم كَانَ إِذَا أَتَى مَرِيضاً أَوْ أُتِيَ بِهِ، قالَ: (أَذْهَبِ الْبَاسَ رَبَّ النَّاسِ، اشْفِ وَأَنْتَ الشَّافِي، لاَ شِفَاءَ إِلاَّ شِفَاؤُكَ، شِفَاءً لاَ يُغَادِرُ سَقَماً) .

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كېسىلىنى يوقلىغاندا ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، سېنىڭ شىپالىقىڭدىن باشقا شىپالىق يوق، كېسەلنى قويمايدىغان شىپالىقىڭنى (تىلەيمەن)» دېگەن دۇئانى قىلاتتى