المقصدُ الثّالثُ: العِبَادَات

872 - (خ) عَنْ أَبي هُرَيْرَةَ قَالَ: اتَّبَعْتُ النَّبِيَّ صلّى الله عليه وسلّم، وخَرَجَ لِحَاجَتِهِ، فَكَانَ لاَ يَلْتَفِتُ، فَدَنَوْتُ مِنْهُ، فَقَالَ: (ابْغِنِي أَحْجَاراً أَسْتَنْفِضْ [1] بِهَا ـ أَوْ نَحْوَهُ ـ و َلاَ تَأْتِنِي بِعَظْمٍ، وَلاَ رَوْثٍ) ، فَأَتَيْتُهُ بِأَحْجَارٍ بِطَرَفِ ثِيَابِي، فَوَضَعْتُهَا إِلَى جَنْبِهِ، وَأَعْرَضْتُ عَنْهُ، فَلَمَّا قَضَى أَتْبَعَهُ بِهِنَّ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرەت ئېلىشى ۋە تازىلىقى ئۈچۈن بىر كىچىك تېرە قاچىدا سۇ كۆتۈرۈپ بىللە باراتتى، بىر كۈنى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ماڭغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم بۇ؟» دېدى، مەن: «مەن ئەبۇ ھۈرەيرە» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ماڭا تازىلىق ئۈچۈن تاش ئىزدىگىن، سۆڭەك ۋە تېزەك ئەكەلمىگىن» دېدى، مەن كىيىمىمنىڭ پېشىگە تاش ئىلىپ كىلىپ، ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدا قويۇپ قايىتتىم، رەسۇلۇللا ئىشىنى تۈگەتكەندە ماڭغاچ: «تېزەك بىلەن سۆڭەكتە نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ؟» دەپ سورىدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئىككىسى جىنلارنىڭ يىمەكلىكى، نەسىيبىن شەھىرىدىكى جىنلارنىڭ ئەلچىلىرى مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن، ئۇلار نېمە دېگەن ياخشى جىنلار!، ئۇلار مەندىن ئوزۇقلۇق تەلەپ قىلدى، مەن ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھدىن: ئۇلار بىرەر سۆڭەك ۋە تېزەك تاپسا شۇنى يىمەكلىك قېلىپ بېرىشىنى سورىدىم» دېدى

879 - (ق) عن أبي هُرَيْرَة: أَنَّهُ سَمِعَ رَسُولَ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم يَقُولُ : (لاَ يَبُولَنَّ أَحَدُكُمْ فِي المَاءِ الدَّائِم الَّذِي لاَ يَجْرِي، ثُمَّ يَغْتَسِلُ فِيهِ) .

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىرىڭلار تۇرغۇن سۇغا كىچىك تەرەت قىلمىسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدا يۇيۇنمىسۇن. يەنە بىر ھەدىستە: بىرىڭلار جۇنۇب ھالدا تۇرغۇن سۇدا يۇيۇنمىسۇن

882 - (ق) عن عليٍّ قال: كُنْتُ رَجُلاً مَذَّاءً [1] ، فَاسْتَحْيَيْتُ أَنْ أَسْأَلَ رَسُولَ اللهِ صلّى الله عليه وسلّم، فَأَمَرْتُ الْمِقْدَادَ بْنَ الأَسْوَدِ فَسَأَلَهُ، فَقَالَ : (فِيهِ الْوُضُوءُ) .

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن مەزى كۆپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى مەندە بولغانلىقتىن ئۇنىڭدىن سوراشتىن ھايا قىلدىم، مىقداد ئىبنى ئەسۋەدنى سوراپ بېقىشقا بۇيرۇدۇم. ئۇ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ئەۋرىتىنى يۇيۇپ تاھارەت ئالىدۇ، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇخارى رىۋايىتىدە: ئەۋرىتىڭنى يۇيۇپ تاھارەت ئال، دېگەن. مۇسلىم رىۋايىتىدە: تاھارەت ئالغىن ۋە ئەۋرىتىڭنى يۇغىن، دېگەن

883 - (ق) عَنْ أَبِي أَيُّوبَ الأَنْصَارِيِّ: أَنَّ النَّبِيَّ صلّى الله عليه وسلّم قَالَ : (إِذَا أَتَيْتُمُ الغَائِطَ؛ فَلاَ تَسْتَقْبِلُوا الْقِبْلَةَ وَلاَ تَسْتَدْبِرُوهَا، وَلكِنْ شَرِّقُوا أَوْ غَرِّبُوا) .
قَالَ أَبُو أَيُّوبَ: فَقَدِمْنَا الشَّامَ، فَوَجَدْنَا مَرَاحِيضَ بُنِيَتْ قِبَلَ القِبْلَةِ، فَنَنْحَرِفُ، وَنَسْتَغْفِرُ الله تَعَالَى.

ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سىلەر ھاجەتخانىغا كىرسەڭلا، قىبلە تەرەپكە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، كەينىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، بەلكى شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپكە قاراڭلار. ئەبۇ ئەييۇب مۇنداق دەيدۇ: بىز شامغا كەلسەك، ھاجەتخانىلار قىبلىگە قارتىلىپ سېلىنغان ئىكەن، بىز ئىستىغپار ئېيتىپ ھاجەتخانىدا يانچە ئولتۇردۇق