1191 - (ق) عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ: أَنَّ النَّبِيَّ صلّى الله عليه وسلّم دَخَلَ المَسْجِدَ، فَدَخَلَ رَجُلٌ فَصَلَّى، ثُمَّ جَاءَ فَسَلَّمَ عَلَى النَّبِيِّ صلّى الله عليه وسلّم، فَرَدَّ النَّبِيُّ صلّى الله عليه وسلّم عَلَيْهِ السَّلاَمَ، فَقَالَ: (ارْجِعْ فَصَلِّ، فَإِنَّكَ لَمْ تُصَلِّ) ، فَصَلَّى، ثُمَّ جَاءَ فَسَلَّمَ عَلَى النَّبِيِّ صلّى الله عليه وسلّم، فَقَالَ: (ارْجِعْ فَصَلِّ، فَإِنَّكَ لَمْ تُصَلِّ) ، ثَلاَثاً، فَقَالَ: وَالَّذِي بَعَثَكَ بِالحَقِّ! فَمَا أُحْسِنُ غَيْرَهُ، فَعَلِّمْنِي، قَال: (إِذَا قُمْتَ إِلَى الصَّلاَةِ فَكَبِّرْ، ثُمَّ اقْرَأْ مَا تَيَسَّرَ مَعَكَ مِنَ القُرْآنِ، ثُمَّ ارْكَعْ حَتَّى تَطْمَئِنَّ رَاكِعاً، ثُمَّ ارْفَعْ حَتَّى تَعْتَدِلَ قَائِماً، ثُمَّ اسْجُدْ حَتَّى تَطْمَئِنَّ سَاجِداً، ثُمَّ ارْفَعْ حَتَّى تَطْمَئِنَّ جَالِساً، ثُمَّ اسْجُدْ حَتَّى تَطْمَئِنَّ سَاجِداً، ثُمَّ افْعَلْ ذَلِكَ فِي صَلاَتِكَ كُلِّهَا) .
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىرگەن ئىدى، كەينىدىن بىر ئادەم كىرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: نامازنى قايتا ئوقۇغىن، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ بېرىپ ئاۋالقىدەكلا ناماز ئوقۇپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا سالام قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: بېرىپ نامازنى قايتا ئوقۇ، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم: سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن ياخشىراق ئوقۇيالمايمەن ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: نامازغا تۇرغىنىڭدا تەكبىر ئېيىت، ئاندىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغىنىنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ رۇكۇدا تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلىپ، سەجدىدە تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس ئۆلتۈرغىن، پۈتۈن نامىزىڭدا مۇشۇنداق قىلغىن، دېدى
[خ793 (757)/ م397]