3221 - (م) عَنْ أَبِـي بَكْرَةَ، عَنِ النَّبِـيِّ صلّى الله عليه وسلّم قَالَ: (إِذَا الْمُسْلِمَانِ، حَمَلَ أَحَدُهُمَا عَلَى أَخِيهِ السِّلاحَ، فَهُمَا عَلَى جُرُفِ جَهَنَّمَ، فَإِذَا قَتَلَ أَحَدُهُمَا صَاحِبَهُ، دَخَلاَهَا جَمِيعاً) .
ئەبۇ بەكرە نۇپەيئ ئىبنى ھارىس ئەسسەقەپى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ تەڭلىسە ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلگۈچى دوزاخقا كىرىدۇ، دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۆلتۈرگۈچىغۇ شۇنداق، ئۆلگۈچى نېمىشقا دوزاخقا كىرىدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: چۈنكى ئۆلگۈچىمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە تىرىشقانلىقى ئۈچۈن دوزاخقا كىرىدۇ، دېدى
[م2888]